كامبودژا باش مىنىستىرى خوڭسېن 2009 - يىلى 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كامبودژانىڭ مۇساپىرلار سالاھىيىتىنى بەلگىلەش قائىدىسىگە ئىمزا قويۇپ، 20 - چىسلا كامبودژاغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن 20 كىشىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كامبودژانىڭ يېڭى مۇساپىرلار قائىدىسىدە كامبودژا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ پىكىرىنى ئالماي تۇرۇپ، مۇساپىرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىنى، بۇنىڭ كامبودژا ئىمزا قويغان ب د ت مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خېتىدە "سىز مۇساپىرلار ھەققىدىكى قوشۇمچە قائىدىگە ئىمزا قويۇپ 3 كۈندىن كېيىن، 20 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەردىن، قوشۇمچە قائىدىنىڭ يىتەرسىزلىك تەرىپى بىزدە ئەندىشە قوزغىدى" دەپ تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى كامبودژاغا قېچىپ چىققان 20 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى 20 - دېكابىر كۈنى مەخسۇس ئايروپىلاندا خىتايغا ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ۋەقە غەرب ئەللىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ شىددەتلىك تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى قايتۇرۇپ كەتكەن 20 مۇساپىردىن 7 كىشىنىڭ قانۇنى جازاغا تارتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن ئۇلارنىڭ ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى.