كامبودژا باش مىنىستىرى ھەربىي ئاپتوموبىللار ئۈچۈن خىتايغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

كامبودژا باش مىنىستىرى Hun Sen بۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ كامبودژاغا 257 دانە ھەربىي يۈك ئاپتوموبىلى ۋە 50 مىڭ قۇر ھەربىي كىيىم بېرىشكە ۋەدە بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ خىتايغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.

خۇنسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەدە بۇ يىل 5 ‏- ئاينىڭ بېشىدا خۇسەن بىلەن خۇ جىنتاۋ شاڭخەيدە كۆرۈشكەن چېغىدا بېرىلگەن. خۇ جىنتاۋ ۋەدىسىدە، ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە كىيىم ‏- كېچەكلەرنىڭ 6 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى كامبودژاغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدا، ئامېرىكىنىڭ يىللاردىن بېرى كامبودژاغا بېرىپ كېلىۋاتقان ھەربىي ئاپتوموبىل ياردىمىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى كامبودژانىڭ 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى دەپ كۆرسەتكەن.

كامبودژا باش مىنىستىرى بۈگۈنكى سۆزىدە، خىتاي رەھبەرلىرىنى كامبودژاغا ياردەم بېرىشتە ئاز گەپ قىلىپ كۆپ ئىش قىلىۋاتىدۇ دەپ مەدىھىيىلىگەن. بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كامبودژانىڭ ئامېرىكىدىكى تىجارىي ئىمتىيازىنى بىكار قىلىش ھەققىدە تەكلىپ لايىھە چۈشكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خۇنسەننىڭ بۈگۈنكى خىتايغا مىننەتدارلىق سۆزلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى تەكلىپ لايىھىسىگە قارىتا نارازىلىق تەسىرىدىن بولۇشى مۇمكىن.