20 نەپەر ئۇيغۇر كامبودژادىن قايتۇرغانلىقىنىڭ 2 يىللىقى «پىنومپېن پوچتا» گېزىتىدە خەۋەر قىلىندى
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.12.24
2011.12.24
خەۋەردە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېلان قىلغان باياناتلاردىن نەقىل ئېلىنىپ: كامبودژا 20 نەپەر ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي خىتايغا قاتۇرغىنىغا ئىككى بولدى، ئەمما ئۇلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى يەنىلا ئەندىشە قوزغايدۇ، دېيىلگەن.
2009 - يىلى 19 - دېكابىر كامبودژا دائىرىلىرى ب د ت نىڭ پاناھلانغۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈپ بېرىپ خەلقئارالىق قارشىلىققا دۇچ كەلگەنىدى.
مەزكۇر ۋەقە يۈز بېرىپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاينىڭ كامبودژاغا 1 مىليارد 200 مىليون قىممىتىدە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
بۇ ھەقتىكى خەۋەرنىڭ كامبودژانىڭ مەركىزىدە ئىككى يىلدىن كېيىن ئېلان قىلىنىشىنى كىشىلەرنى ئەجەبلەندۈرمەكتە.