كامبودژا ساقچى دائىرىلىرى تارقاتقان مەلۇماتقا قارىغاندا، ۋاڭ زەيچاۋ ئىسىملىك خىتاي سودىگەر چارشەنبە كۈنى كامبودژادىن خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىگە يولغا سېلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ كامبودژادىكى بىر كىيىم زاۋۇتىنىڭ ئىش بېشى بولۇپ، ئۇ سابىق كامبودژا پادىشاھى نورودوم سىخانۇكنىڭ رەسىمىنى زاۋۇتتىكى كامبودژالىق ئىشچىلارنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ يىرتىۋەتكەن ئىكەن.
ئىشچىلار ئادالەت تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغاندىن كېيىن، دائىرىلەر ۋاڭنى تۇتۇپ سوتقا تارتقان.
سەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان سوتتا ۋاڭغا كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان بىر يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەندىن باشقا 620 دوللار جەرىمانە قويۇلغان. ۋاڭنىڭ بىر يىلدىن كېيىن كامبودژاغا قايتىپ كېلەلەيدىغان ياكى كېلەلمەيدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
سىخانۇك 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ۋاپات بولغان ۋە ئۇنىڭ جەسىتى 17-ئۆكتەبىر كامبودژاغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئىدى.