كامبودژا دائىرىلىرى خەلقئارا بېسىملارغا قارىماي مەزكۇر دۆلەتتە پاناھلانغان 20 ئۇيغۇر شەنبە كۈنى كەچقۇرۇن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.
ئامېرىكا تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ كامبودژانى ئەيىبلىدى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا - كامبودژا مۇناسىۋەتلىرى ۋە كامبودژانىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەلۇم بولۇشىچە، كامبودژا كەلگەن خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ دۈشەنبە كۈنى كامبودژا باش مىنىستىرى خۇن سەن بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئىقتىسادىي ياردەم خاراكتېرىگە ئىگە 14 خىل كېلىشىمگە ئىمزا قويغان.
كامبودژا ھۆكۈم باياناتچىسى كھىئېۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەت خىتاي كامبودژا بىلەن ھازىرلىغان ئىقتىسادىي كېلىشىمنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 1.2 مىليارد دوللار ياتىدىكەن. ئۇ يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 20 نەپەر ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: "خىتاي قانۇنىغا ئاساسلانغاندا بۇلار جىنايەتچى،" دېگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاڭ يۈ كامبودژادىن قايتۇرۇلغان 20 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆتكۈزۈپ ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرىدىن قانۇنسىز ئۆتۈش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقى ۋە جىنايى قىلمىشلارغا تاقابىل تۇرۇشتا خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ياخشىلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى، زوراۋانلىق ۋەقەسى دەپ ئاتاپ ھازىرغا كەلگۈچە 20 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ نۆۋەت خىتايغا قايتۇرۇلغان 20 ئۇيغۇرنىڭ ھەرخىل تراگېدىيىلىك قىسمەتلەرگە يولۇقۇشىدىن ئەندىشە قىلىشماقتا.