كامېرون ۋە ساركوزىي لىۋىيىدە زىيارەتتە بولدى

پەيشەنبە كۈنى ئەنگلىيە باش مىنىستىرى كامېرون ۋە فىرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي لىۋىيىدە زىيارەتتە بولۇپ، لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى مۇستافا ئابدۇجېلىل بىلەن كۆرۈشتى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-09-15
Share

ئۇچرىشىشتىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇستافا ئابدۇجېلىل ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ كازافىينىڭ ئاغدۇرۇلۇشى ئۈچۈن قىلىۋاتقان ياردەملىرىگە تەشەككۈرىنى بىلدۈرگەن. ساركوزىي ۋە كامېرون ئۇرۇش جەريانىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان لىۋىيىنى قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئېلىپ، ياردەملىرىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كامېرون ۋە ساركوزىي كازافىي ھاكىمىيەتتىن ئۇزاقلاشقاندىن بېرى لىۋىيىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى دۆلەت رەھبەرلىرى بولۇپ، بۇ ئىككى رەھبەر لىۋىيىنىڭ پايتەختى تىرىپولىدا خەلقنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. تىرىپولى خەلقى بۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىگە تەشەككۈرىنى ئىپادىلىگەن.

پەيشەنبە كۈنى يەنە، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت باياناتچىسى قارشىلىقچى قىسىملارنىڭ كازافىينىڭ يۇرتى سىرتەگە كىرگەنلىكىنى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ شەھەرنى قولغا ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھازىر بانى ۋالىد ۋە سابھا شەھەرلىرى ھېلىھەم كازافىي كۈچلىرىنىڭ قولى ئاستىدا تۇرماقتا.

ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت بۇ رايونلارنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن قورال ياردىمى بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا. مۇستافا ئابدۇجېلىل مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، كازافىينىڭ لىۋىيىنىڭ جەنۇبىدا يوشۇرۇنغانلىقىنى ۋە ئىنتىقام خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت