ئۇچرىشىشتىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇستافا ئابدۇجېلىل ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ كازافىينىڭ ئاغدۇرۇلۇشى ئۈچۈن قىلىۋاتقان ياردەملىرىگە تەشەككۈرىنى بىلدۈرگەن. ساركوزىي ۋە كامېرون ئۇرۇش جەريانىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان لىۋىيىنى قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئېلىپ، ياردەملىرىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كامېرون ۋە ساركوزىي كازافىي ھاكىمىيەتتىن ئۇزاقلاشقاندىن بېرى لىۋىيىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى دۆلەت رەھبەرلىرى بولۇپ، بۇ ئىككى رەھبەر لىۋىيىنىڭ پايتەختى تىرىپولىدا خەلقنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. تىرىپولى خەلقى بۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىگە تەشەككۈرىنى ئىپادىلىگەن.
پەيشەنبە كۈنى يەنە، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت باياناتچىسى قارشىلىقچى قىسىملارنىڭ كازافىينىڭ يۇرتى سىرتەگە كىرگەنلىكىنى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ شەھەرنى قولغا ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھازىر بانى ۋالىد ۋە سابھا شەھەرلىرى ھېلىھەم كازافىي كۈچلىرىنىڭ قولى ئاستىدا تۇرماقتا.
ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت بۇ رايونلارنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن قورال ياردىمى بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا. مۇستافا ئابدۇجېلىل مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، كازافىينىڭ لىۋىيىنىڭ جەنۇبىدا يوشۇرۇنغانلىقىنى ۋە ئىنتىقام خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.