خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، 14-فېۋرال چۈشتىن كېيىن ماناس ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە 6 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
دائىرىلەر ھازىرغىچە بۇ قېتىملىق كان پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ مىللىي كىملىكى ھەم يارىلانغانلار ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى.
ئەمما، بىرلەشمە ئاگېنتلىق قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئۆز خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرى كان پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، سانجى ئوبلاست ھەم ماناس ناھىيىسىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى شۇنداقلا ساقچىلار، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى، دوختۇرلارنىڭ سەپەرۋەر قىلىنغانلىقىنى نەقىل ئېلىپ، بۇ قېتىمقى كان پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەن ھەم يارىلانغانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.