" تورونتو يۇلتۇزى" گېزىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى بىر خەۋىرىدە كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرى جېيسون كىنېينىڭ باياناتچىسى ئالىخان ۋېلشى،"كاپالەتچىلىك، كۆچمەنلىك ئىلتىماسىنى بېجىرىش جەريانىدىكى مۇھىم بولمىغان ئامىللارنىڭ بىرى " دەپ تەكىتلىگەن شۇنداقلا كانادانىڭ ئىلتىماسنى كۆرۈپ چىقىشى كېرەكلىكىنى، لېكىن بۇرۇن كاپالەتكە ئىگە بولغان نۇرغۇن شەخسلەرنىڭ كۆچمەنلىك ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمىغان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
كاناداغا كۆچمەنلىك ئىلتىماسى سۇنغان تۇتقۇنلارنىڭ 3 ى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇلارغا كانادا مۇساپىرلار كېڭىشى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلات ۋە خرىستىئان دىنىي گۇرۇھلار كاپالەتچى بولغان. " تورونتو يۇلتۇزى" گېزىتىدىكى باياناتىدا بىخەتەرلىك كانادا ئۈچۈن 1 - مەسىلە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئالى ۋېلشى، كانادالىقلار بۇ تۈردىكى ئىشلارغا كاپالەتچى بولغاندا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك دېگەن. گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا كاپالەتچى بولغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى كانادا مۇساپىرلار كېڭىشى سەيشەنبە كۈنى ئوتتاۋا دائىرىلىرىنىڭ دۆلىتىگە قايتسا جازالىنىدىغان بۇ 5 نەپەر كىشىنى " كېچىكتۈرمەي ئورۇنلاشتۇرۇشى" نى تەلەپ قىلغان ئىدى.
"تورونتو يۇلتۇزى" نىڭ خەۋىرىدە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى سەيشەنبە كۈنى تۇتقۇنلارنىڭ كۆچمەنلىك ئىلتىماسىنى بېجىرىشكە "يىللار" كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن كانادا مۇساپىرلار كېڭىشى كانادا دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇنلارنى كېچىكتۈرمەي قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت قوللانمىسىدا ئەگەر بىر كىشى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپى ئاستىدا قالغان بولسا، جىددىي قۇتقۇزۇلىدىغان كىشى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى، گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالى بۇ قوللانمىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.