جەسەتنىڭ بىر قىسمى مونترېيال شەھىرىدىكى بىر ئاھالىلەر بىناسىنىڭ ئارقىسىغا تاشلانغان چامىداندىن تېپىلغان.
تۈنۈگۈنكى خەلقئارا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 33 ياشلىق خىتاي لىن جۈننى ئۆلتۈرگەن جىنايەت گۇماندارى لۇكا ماگنوتتا، دۈشەنبە كۈنى بېرلىندىكى بىر تورخانىدا ئۆزى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان چېغىدا گېرمان ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ قولغا ئېلىنىش جەريانىدا ساقچىلارغا قارشىلىق كۆرسەتمىگەن ھەم ئۆزىنىڭ كاناداغا قايتۇرۇلۇشىغا رازىمەنلىك بىلدۈرگەن.
«مونترېيال گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە كانادا قانۇن ئورگانلىرى دنا تەكشۈرۈشى ئارقىلىق تېپىلغان جەسەت پارچىلىرىنىڭ لىن جۈنگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان؛ ئەمما كانادا ساقچىلىرى تېخى لىن جۈننىڭ بەدىنىنىڭ ئوڭ پۇت، ئوڭ بېلەك ۋە باش قىسمىنى تاپالمىغان.
بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن لۇكا ماگنوتتانىڭ تېگى فرانسىيىلىك ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ بىر شەھۋانىي فىلىم ئارتىسى ئىكەنلىكى مەلۇم؛ ئەمما ئۇنىڭ خىتاي لىن جۈننى ئۆلتۈرۈش، بولۇپمۇ ئۇنىڭ جەسىتىنى پارچىلاپ سىياسىي پارتىيىلەرگە يوللاپ بېرىشتىكى مەقسىتى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.