خىتاي تىلىدا چىقىدىغان " ئۇلۇغ ئېرا" گېزىتىنىڭ كانادادىكى تىبەت كومىتېتىنىڭ ئۇچۇرىدىن نەقىل ئېلىپ تارقاتقان ئۇچۇرىدا يېزىلىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى بۇ قارارنى 18-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان بولۇپ، كانادانىڭ كۆچمەنلەر ۋە پۇقرالار ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى " كانادانىڭ ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە كانادا تىبەت كومىتېتىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ ئىشنى ئوڭۇشلۇق بېجىرىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ كاناداغا كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2007-يىلى تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما كانادانى زىيارەت قىلغاندا، كانادا ھۆكۈمىتىدىن تىبەت مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.
1959-يىلىدىكى تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ باستۇرۇلۇشى بىلەن دالاي لاما ۋەتىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن بىر قىسىم ئەللەر تىبەت مۇساپىرلىرىنى رەسمىي سىياسىي باستۇرۇشقا ئۇچرىغان مۇساپىر سۈپىتىدە قاراپ قوبۇل قىلغان ئىدى. تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ ئامېرىكا، كانادا ۋە باشقا ياۋروپا ئەللىرىدە كۆپىيىشى تىبەت داۋاسىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە كۈچىيىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. چۈنكى، بۇ مۇساپىرلار ئارىسىدىن يۇقىرى مەلۇماتلىق، غەرب تىللىرىنى ياخشى بىلگەن ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەر، سىياسەتشۇناسلار يېتىشىپ چىقىپ، ئۆز داۋاسىنى ئۈنۈملۈك چۈشەندۈرەلىگەن.