كانادا مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن خەزىنە كومىتېتىنىڭ تور بېتى خىتاينى بازا قىلغان كومپيۇتېر خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، خاككېرلار بۇ ئىككى مىنىستىرلىقنىڭ تور سىستېمىسىغا كىرگەن. كانادا خەزىنە مىنىستىرى ستوكۋېلل دەي، «تور ھۇجۇمىنى ناھايىتى شىددەتلىك بولدى دېيىشكە بولمىسىمۇ، لېكىن ئېغىر دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، خاككېرلار بەزى مالىيە ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەن» دەپ تەكىتلىگەن.
كانادا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، خاككېرلارنىڭ بەزى ھۆججەتلەرنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى ۋە مىنىستىرلىقلارنىڭ تورى بىر مەزگىل كاشىلىغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
بۇ ۋەقە 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، لېكىن قانداق ھۆججەتلەرنىڭ ئوغرىلانغانلىقى ۋە كانادا دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى ئەمدى ئاشكارىلىشىدىكى سەۋەب مەلۇم ئەمەس.
كانادا خەزىنە مىنىستىرى ستوكۋېلل دەي، مىنىستىرلىق تور سىستېمىسىنىڭ مەشغۇلاتىنى دەرھال توختىتىپ، ھۇجۇمغا قارشى بەزى تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، خەۋەرلەردىن تور ھۇجۇمى مىنىستىرلىقنىڭ خىزمىتىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم. كانادا مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن خەزىنە مىنىستىرلىقى كېلەر ئاي فېدىرال ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە خام چوتىنى كانادا پارلامېنتىغا تاپشۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىدى.
خىتاينى بازا قىلغان بەزى تور مۇلازىمەت پونكىتلىرىنىڭ غەرب ھۆكۈمەت تور سىستېمىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلە.
يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاخبارات كومىتېتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان بىر قېتىملىق ئىسپات بېرىش يىغىنىدا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، خىتايدىن كېلىدىغان تور ھۇجۇمى ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە جىددىي تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. لېكىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كانادا ھۆكۈمەت تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ خىتاي بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلغان.