كانادا باش مىنىستىرى خارپېرنىڭ قولىدىكى تىزىملىكتە نۇر مەھەممەت ياسىننىڭ ئىسمى بار

كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن خارپېر 12 ‏ - ئاينىڭ 2 ‏ - كۈنىدىن 6 ‏ - كۈنىگىچە خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ خىتاي بىلەن سۆزلەشكەندە ئوتتۇرىغا قويۇدىغان، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئازاد قىلماقچى بولغان سىياسىي مەھبۇسلار تېزىملىكىدە نۇر مەھەممەد ياسىننىڭ ئىسمىمۇ بار.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.11.28

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن خارپېر بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تۆت يىل ئىچىدە، كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق ئەيىپلەپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان دۆلەت رەھبىرى. ئۇنى خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى چىنگاڭ 'بىز خالىمايدىغان ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى'، 'ئۇنىڭ دالاي لامانى قوللىغىنى ئاقمايدۇ' دەپ جاكارلاپ كەلمەكتە.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كانادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى سىياسىي جىنايەتچىلەرنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن باش مىنىستىرى خارپېرنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدىن ئۈمىد كۈتمەكتە. ئۇلار خارپېرغا تاپشۇرغان 11 نەپەر سىياسىي جىنايەتچى تىزىملىكىدە، نۇر مەھەممەد ياسىننى 'ياۋا كەپتەر ناملىق مەشھۇر ئەدەبى ئەسەرنى يازغان مەشھۇر يازغۇچىسى بىگۇنا ئۇيغۇر، خىتاي ئۇنى بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلدى، دەپ 2004 ‏ - يىلى 2‏ - ئايدا قولغا ئېلىپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى، ئۇ، 1974‏ - يىلى مارالۋېشىدا تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى ئۆركىشى، ئۇ ھازىر ئۈرۈمچى 1‏ - تۈرمىسىدە' دەپ كۆرسەتتى.

ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىس شېڭشۈنىڭ بايان قىلىشىچە، كانادا باش مىنىستىرى خارپېر ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئالدىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قايرىپ قويىدىغان ئەرباب ئەمەس، ئۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباماغا ئوخشىمايدۇ، باش مىنىستىر خارپېرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشى ناھايىتى ئېنىق، مەيدانى مۇستەھكەم، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىش جەھەتتە ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن.
 
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈنكى خەۋىرىدە كانادا باش مىنستىرى خارپېرنى، خىتاي بىلەن سودا، مەبلەغ سېلىش، مۇھىت ئاسراش ۋە رايون خارەكتېرلىق بىخەتەرلىك مەسلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىدۇ، دەپ بايان قىلدى.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.