كانادا باش مىنىستىرى زىيارىتىدە نۇرمۇھەممەت ياسىن مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى

كانادادىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي دېموكراتچىلىرى، يېقىندا خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغان كانادا باش مىنىستىرىنى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىپ نامايىش ئۆتكۈزمەكچى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.11.30
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن خارپېر 12 - ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە خىتايدا دۆلەت زىيارىتىدە بولىدۇ. بۇ ئۇنىڭ 4 يىل ئىلگىرى كانادا باش مىنىستىرى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى خىتاي زىيارىتىدۇر.

كاناداغا نەزەر خەۋەرلەر تورىدا بېرىلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، كانادادىكى ئۇيغۇر،تىبەت ۋە خىتاي ئۆكتىچىلەرنىڭ نامايىشى 1 - دېكابىر كانادا پايتەختى ئوتتاۋادىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا تىنچ يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

نامايىشچىلار بۇ نۆۋەتلىك نامايىش ئارقىلىق، كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن خارپېرنى خىتاي زىيارىتى جەرياندا كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇشقا چاقىرىدىكەن. نامايىشلار يەنە، كانادا باش مىنىستىرىغا خىتاي بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سودىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قايرىپ قويۇشنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.

ستېفېن خارپېر كانادا باش مىنىستىرى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى بىر قەدەر ئوچۇق رەۋىشتە ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىرى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتىدە خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. ھالبۇكى، خىتاي تۈرمىسىدىكى كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ياكى قويمايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.