مەلۇم بولۇشىچە، سۈي زىلى 2002 - خىتاينىڭ ئۆمۈر سۇغۇرتىسى شىركىتىنىڭ سۇغۇرتا ساتقۇچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ 24 مىليون يۈەن يەنى 3 مىليون 590 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى نەق پۇلىنى باشقىلاردىن ئالداپ ئېلىۋالغان.
ئۇ، بۇلارنى باشقا شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە ئالداپ قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، كاناداغا قېچىپ كەلگەن ۋە 7 يىلدىن بېرى كانادادا پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئىدى. خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ شەنبە كۈنى كۆرسىتىشىچە، سۈي زىلى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى خىتايغا قايتۇرۇلغان.
سۈي زىلى كانادادا پاناھلانغاندىن كېيىن، مەزكۇر مەسىلە كانادا خىتاي دىئالوگلىرىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
خىتاي تەرىپىدىن ئىقتىسادى جىنايەتچى دەپ قارىلىۋاتقان لەي چاڭشىڭ نۆۋەتتە كانادا پاناھلىنىۋاتقان يەنە بىر خىتاي قاچقۇن بولۇپ، ئۇ نىڭ 1990 - يىلى فۇجيەندە پاش بولغان ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
لەينىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىمۇ ئۇنىڭ بىر بىرگە كاناداغا قېچىپ چىققان. ئەمما ئۇنىڭ ئايالى ۋە بىر قىزى ئۆتكەن يىلى خىتايغا قايتقاندا خىتايدا قولغا ئېلىنغان.