خەۋەرلەرگە قارىغاندا نۆۋەتتە فرانسىيە لىۋىيىدىكى توقۇنۇش رايونىغا 20 كۈرەشچى ئايروپىلان ئەۋەتكەن بولۇپ، ئايروپىلانلار شەنبە كۈنى بەن غازى شەھىرى ئەتراپىدا كازافي ئارمىيىسىنىڭ تانكا ۋە توپ-زەمبىرەكلىرىگە زەربە بەرگەن.
بۇ خەۋەرنى فرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دەلىللىدى.
CNN دە نەقىل قىلىشىچە، فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزى: دەل مۇشۇ پەيتلەردە ئايروپىلانلىرىمىز كازافي ئايروپىلانلىرىنىڭ يېزا-قىشلاقلارغا ھۇجۇم قىلىشىنى توسماقتا، دېدى ۋە بۇ قارارنى «جىددىي قارار» دەپ سۈرەتلىدى.
نۆۋەتتە فرانسىيىنىڭ چارلېس دە گائۇللې ناملىق ئاۋىئاماتكىسى لىۋىيىگە قاراپ يولغا چىققان بولۇپ، ئاۋىئاماتكا يەكشەنبە كۈنى لىۋىيە تەۋەلىكىگە كىرىپ ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلايدىكەن.
كازافىي قىسىملىرى قوزغىلاڭچىلارغا زەربە بېرىش نامىدا ھۆكۈمەتكە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بولۇۋاتقان رايونلاردا ئادەتتىكى خەلق ئاممىسىغا قارىتا باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئېغىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ب د ت پەيشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن لىۋىيىگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش قارارىنى ماقۇللىغان ئىدى.