كازافىي چۆل-جەزىرىگە دەپنە قىلىندى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مىسراتادىن بايان قىلىشىچە، 20‏-ئۆكتەبىر كۈنى، مۇئەممەر كازافىي ئۆزىنىڭ يۇرتى سىرتەدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، جەسىتى مەلۇم بىر مال ئىسكىلاتىدا 4 كۈن ساقلانغاندىن كېيىن، بۈگۈن تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن، مەلۇم بىر چۆل -جەزىرىدىكى بەلگىسىز گۆرگە دەپنە قىلىنغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ن ب س تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا كازافىينىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە توختالغاندا، كازافى دۆلەت تېررورىزمنى يولغا قويدى، باشقا ئەللەردىكى تېررورچىلارنى قوللىدى، ئۇنىڭغا ھوقۇقنى خەلققە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان ياخشى پۇرسەت كەلگەن ئىدى، ئەمما ئۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى. كازافىينىڭ ھازىر ئېچىنىشلىق ئۆلۈمگە دۇچ كەلگەنلىكى، دۇنيادىكى مۇستەبىتلەرگە، خەلققە ئازادلىق كېرەك دەپ سىگنال بەرگەنلىكى، دەپ كۆرسەتكەن.