كازافىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ترىپولىدىكى غەرب ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈردى

كازافىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ترىپولىدىكى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى ئالدىغا توپلىنىپ، نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ناتونىڭ كازافىينىڭ ئوغلى ۋە نەۋرىلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نامايىشچىلار ئەلچىخانىلارغا ھۇجۇم قىلغان. ئەنگلىيە ئەلچىخانىسىنى بىناسى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىلغان. ھەتتا ب د ت نىڭ ترىپولىدىكى ئىشخانىسىمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

ب د ت لىۋىيىدىكى ئىشخانىسىنى چېكىندۈرۈپ كەتكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەنگلىيە باش مىنىستىرى كامېرون بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى ناتونىڭ ھۇجۇمىنىڭ كازافىينىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ناتومۇ بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ھۇجۇمنىڭ مەلۇم بىر شەخسكە قارىتىلمىغانلىقى، پەقەت ھەربىي ھەرىكەت خاراكتېرى بارلىقنى ئەسكەرتكەن.