ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىبرايىم ئۆزىنىڭ جۈمە كۈنى كازافىي بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ تېخى لىۋىيىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
نۆۋەتتە، كازافىينىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى، ھەتتا چەتئەللەردە يوشۇرىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆزلەر تارقىلىپ، قوزغىلاڭچىلار ئۇنى ئىزدىمەكتە ئىدى. كازافىي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى سۆزىدە كازافىيگە ۋاكالىتەن ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قوزغىلاڭچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى قوزغىلاڭچىلار ترىپولى شەھىرىگە ھۇجۇم باشلىغاندا كازافىينىڭ قوزغىلاڭچىلار بىلەن يارىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى. ئەمما، كازافىي قوزغىلاڭچىلارنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە بىر ھەپتىدىن بۇيان شەھەر ئىچىدە قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى.
نۆۋەتتە، ئىككى مىليون نوپۇسلۇق ترىپولى شەھىرىنى سۇ، يېمەك ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرى ھەم يېقىلغۇ بىلەن بىلەن تەمىنلەش جىددىيلەشكەن.
لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىنىڭ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى كازافىينىڭ سۆھبەت تەكلىپىگە نىسبەتەن شەرت قويۇپ، كازافىينىڭ چوقۇم شەرتسىز تەسلىم بولۇشى لازىملىقى، شۇ چاغدىلا سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.