ب د ت كازافىينىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

لىۋىيە دىكتاتورى كازافىينىڭ پەيشەنبە كۈنى ئۆلگەنلىكى مۇقەررەرلەشتى. لېكىن ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى تالاش-تارتىش قوزغىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ناۋاي پىللاي كازافىينىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.10.21

لىۋىيە مىللىي كېڭىشىنىڭ باش مىنىستىرى جىبرىل كازافىينىڭ يۇرتى سىرتەدىكى توقۇنۇشتا بېشىدىن يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىش ئارىلىقىدا ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. جىبرىلنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كازافىي سىرتتىكى توقۇنۇشتا تىرىك قولغا چۈشكەن كېيىن يۈز بەرگەن مىللىي كېڭەش قىسىملىرى بىلەن كازافىي تەرەپدارلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا يارىلانغان.

بىراق قانداق ئۆلگەنلىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بېزىلەر تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان كۆرۈنۈشلەردىن ئۇنىڭ يارىلىنىپ قولغا چۈشكەندىن كېيىن، ئىسيانچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت، دەپ قارىماقتا. ناۋاي پىللاينىڭ باياناتچىسى قول تېلېفونى ئارقىلىق ئېلىنغان كىشىنى بىئارام قىلىدىغان كۆرۈنۈشلەردىن، كازافىينىڭ قولغا چۈشكەندە ھايات ئىكەنلىكى مەلۇم، دەپ كۆرسەتكەن.

ئانالىزچىلار كازافىينىڭ ئۆلۈمى دىكتاتورلارغا بېرىلگەن كۈچلۈك سىنگال، دەپ كۆرسەتمەكتە. تۈنۈگۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بايانات ئېلان قىلىپ، كازافىينىڭ ئۆلۈمى «ئوتتۇرا شەرقتە ئىستىبداتلىقنىڭ ھالاك بولۇشىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ھالەتكە بېرىپ قالغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئوباما « بۇ يېڭى ۋە دېموكراتىك لىۋىيىدە ئۆزىنىڭ كېلەچىكىنى ئۆزى بەلگىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن لىۋىيە خەلقىنىڭ، ئۇزۇن ۋە ئېچىنىشلىق دەۋرى ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.