خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قەشقەردىكى بىر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەمەت ئېلى روزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالغان بولۇپ، ئۇ ھېچقانداق داۋالىنىشقا ئېرىشەلمىگەن.
مەمەت ئېلى روزى 2009-يىلى 10-ئايدا كامبودژاغا قېچىپ چىققان 22 كىشىلىك ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ قاتارىدىكى بىرى ئىدى. كامبودژا ھۆكۈمىتى 5"-ئىيۇل ۋەقەسى"دىن قېچىپ كېلىپ، ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن بۇ ئۇيغۇرلاردىن 20 كىشىنى شۇ يىلى 12-ئايدا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. لېكىن مەمەت ئېلى روزى يەنە بىر ھەمراھى بىلەن قېچىپ كېتىپ، خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشتىن قۇتۇلۇپ قالغان. لېكىن ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي ئايالى ۋە 5 بالىسىنى ئالماقچى بولۇپ، لائوسقا بارغاندا لائوس دائىرىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قىلىپ، لائوس ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2010-يىلى 3-ئايدا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى يۈننەنگە قايتۇرۇپ كېلىپ، مېڭلا ناھىيىسىدە بىر ئاي تۇتۇپ تۇرغان. ئاندىن ئۇنىڭ ئايالى ۋە 5 بالىسىنى غۇلجىغا ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزىنى قەشقەرگە ئېلىپ بارغان ھەم قەشقەردىكى بىر تۈرمىگە قامىغان ئىدى.
مەمەت ئېلى روزىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ بۇرۇن قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ بىلىكى ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلىكىگە سېلىنغان تۆمۈر ئۇنىڭغا رېئاكسىيە قىلىپ، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى چاقىرىقنامىسىدە خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇنى قويۇپ بېرىشىگە چاقىرىپ، ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ مەمەت ئېلى روزىنىڭ تۇنجى قېتىم تۈرمىدە يېتىشى ئەمەس. ئۇ بۇرۇن بىر قېتىم ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» بىلەن شۇغۇللانغان دېگەن جىنايەت بىلەن 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، تۈرمىدە ياتقان ئىدى.