خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى نۇرمەمەت ياسىننىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈشكە چاقىردى
2013.01.02
بۈگۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەخسۇس بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى، يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىننىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقى ھەققىدە دەرھال ئىپادە بىلدۈرۈشكە چاقىردى.
باياناتتا: «ئەگەر خەۋەر راست بولسا، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە سىستېمىسى ئۈچۈن نومۇس قىلارلىق بىر ئەھۋال» دېيىلدى.
نۇرمەمەت ياسىننىڭ شايار تۈرمىسىدە ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر گەرچە ئائىلىسى ۋە دائىرىلەر تەرىپىدىن تېخى رەسمىي يوسۇندا دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، خەۋەر تۇنجى قېتىم خىتايدىكى بىر نوپۇزلۇق بىر ئادۋوكات تەرىپىدىن تارقىتىلغان بولغاچقا، خەۋەرنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى تەسىرى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيمەكتە.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۈگۈنكى باياناتىنىڭ ئاخىرىدا: «خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەككى، يازغۇچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئازايتالمايدۇ، بۇ ئەسەرلەر قوزغىغان ئەركىنلىك تەلىپىنى ئەسلا پەسلىتەلمەيدۇ» دېيىلگەن.
نۇرمەمەت ياسىن«ياۋا كەپتەر»ناملىق ئەدەبىي ئەسىرى سەۋەبلىك«بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ 2004 -يىلى 10يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.