خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىن كامبودژادىن قايتۇرۇلغان 20 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىنى سورىدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي دائىرىلىرىدىن يېقىندا كامبودژا ھۆكۈمىتى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 20 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈي، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغان ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتتا "ئىككى كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كىشىلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن تەن جازاسى، ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچراش خەۋپى بارلىقى"نى تەكىتلىگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ‏- تىنچ ئوكيان ئىشلىرى مەسئۇلى سام زارىفى، ئۇلار جازالانسا ئۇلارنىڭ چوقۇم قولغا چىققىدەك بىر گۇناھى بولۇشى كېرەكلىكى، بولمىسا ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئەگەر ئۇلار سوتلانسا "ئۇلارنىڭ سوتى چوقۇم خەلقئارا ئۆلچەمگە توشۇشى ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەسلىك شەرتى ئاستىدا سوتلىنىشى لازىم،" دېگەن.

جياڭ يۈي ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلىشتىن ئاۋۋال، ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى گاي مىكدوگال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئادەم ئەۋەتىپ، رايوندا يۈز بەرگەن تراگىدىيە ۋە ئۆلۈم - يېتىم ۋەقەلىرىنى ئۆز جايىدا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇ، گاي مىكدوگالنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى 2 ‏- قېتىم تەلەپ قىلىشى بولۇپ، ئۇ، "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئىلتىماسىغا جاۋاب بەرمىگەن ئىدى.