خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، نۆۋەتتىكى شارائىتتا پەقەت ئىقتىسادى يۈكسەلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
دوكلاتتا،گانا، دارفور،سومالى،گانگو قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا ئىچكى توقۇنۇش سەۋەبىدىن ئىقتىساد تۆۋەنلەپ كەتكەندىن باشقا، دۆلەتلەردە ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشى سەۋەبلىك، يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كىتىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
دوكلاتتا، ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى پۇقرالارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىم پەرقىنىڭ بىر قەدەر زور بولۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ خىتايدا دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باھانە قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى يەتكۈزگەنلىكى، بولۇپمۇ تىبەت ھەم ئۇيغۇر ئىلىدە باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى،خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ناچارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
دوكلاتتا خەلقئارادا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۆلۈم جازاسىنىڭ 5تىن 4 قىسمىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ قارالغان 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەردە يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان. بولۇپمۇ خىتاي، سەئۇدى ئەرەبىستان ھەم ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر تەنقىدلەنگەن.