خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قورغاس ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن شۆھرەت تۇرسۇن پاجىئەسى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 25 - سېنتەبىر كۈنى قورغاس ناھىيىسىدە تۈرمىدە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن شۆھرەت تۇرسۇن پاجىئەسى ھەققىدە چاقىرىقنامە ئېلان قىلدى.

چاقىرىقتا، مەزكۇر تەشكىلات دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەزالىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىغا خىتاپ قىلىپ، شۆھرەت تۇرسۇن پاجىئەسىدىكى جاۋابكارنىڭنىڭ سوتقا تارتىلىشى ھەققىدە ئالاقىدار ئورۇنلارغا خەت يېزىش تەلەپ قىلىنغان.

ئۆتكەن ھەپتە شۆھرەت تۇرسۇن پاجىئەسى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى شۆھرەت تۇرسۇننىڭ دوستلىرىدىن ھاجىمەمەت ۋە ئابدۇسالام ناسىرنى "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش" گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلغان ئىدى. كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەزكۇر چاقىرىقىدا، ھاجىمەمەت ۋە ئابدۇسالامنىڭ خەلقئارا قانۇن ئۆلچەملىرى بويىچە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۈگۈن يەنە خوڭكوڭدىكى خوڭكوڭ مۇخبىرلار جەمىيىتى، 1350 كىشىدىن ئىمزا توپلاپ، ئۈرۈمچى ۋە سىچۈئەندە خوڭكوڭلۇق مۇخبىرلارنىڭ تاياق يېيىش ۋەقەسى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەلەپنامە سۇنغان.

تەلەپنامىدە، ئۈرۈمچىدە ۋە سىچۈئەندە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ توغرا ۋە قانۇنىي بىر پائالىيەت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، مۇخبىرلارغا قول تەككۈزگەن ساقچىلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى تەلەپ قىلىنغان.