ب د ت نىڭ بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى ھەققىدىكى دوكلاتى خوڭكوڭ دائىرىلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خوڭكوڭ دائىرىلىرى جىددىيلەشتى.

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى ھەققىدىكى دوكلاتىدا، دۇنيا ئىقتىسادىدا ئۆزىگە خاس بىرخىل شەكىلنى ساقلاپ كېلىۋاتقان خوڭكوڭ بۇ قېتىم، بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى ئەڭ چوڭ بولغان دۆلەت ۋە رايونلار ئىچىدە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتۈپ قالغان ئىدى. بۇ دوكلاتتا ئىككىنچىسى سىنگاپور، ئۈچىنچىسى خىتاي، ئۇنىڭدىن قالسا ھىندىستان، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خوڭكوڭدىكى مەنخۇي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناس پروفېسسورى يابوشۇڭ 'خوڭكوڭدا بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى بۇنداق ئۆرلەپ كېتىشنى، خىتايدا بېيىپ كەتكەنلەر ئۆز دۆلىتىدىن قېچىپ خوڭكوڭغا كېلىۋالغانلىقىدىن بولدى، بۇ، خوڭكوڭنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ' دەپ كۆرسەتتى.