ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتاينى جازالايدىغان قارار ماقۇللىدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن (سەيشەنبە كۈنى) ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا، خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسى ئۈستىدە 35 كە قارشى 63 ئاۋاز بىلەن بىر قارار ماقۇللىدى.

بۇ، پۇلنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى كونترول قىلىۋالغان خىتاينىلا ئەمەس، بەلكى پۇلنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى كونترول قىلىۋالغان ھەر قانداق باشقا دۆلەتنى جازالايدىغان قارار.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا بولۇپ ئۆتكەن مۇنازىرىلەردە كۆپ قىسىم ئەزالار، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پۇل سىياسىتى، پۇلنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى كونترول قىلىۋېلىش ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنى بۇلاڭ-تالان قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەت، دەپ قارىغان ئىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامامۇ ئۆتكەن ھەپتىدە، خىتاي ھازىر ئېكسپورتتا پايدا قازىنىش ئۈچۈن، «پۇل ئويۇنى» قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئەمما ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ بولغان بۇ قارار، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىمۇ يەنە ئاۋاز قويۇپ قارار ماقۇللىنىپ، ئاخىرىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئىمزا قويغاندا ئاندىن قانۇنغا ئايلىنىدۇ.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇ قارارىغا قاتتىق غەزەپ بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇ قارارى ھەر ئىككى تەرەپكە زىيان سالىدىغان قارار بولۇپلا قالماي، بەلكى بىۋاسىتە سودا ئۇرۇشىنى پەيدا قىلىدىغان قارار، دەپ نارازىلىق بىلدۈردى.

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، پاي بازىرىدا، تۈنۈگۈندىن بۇيان خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىدە 336 توچكا داۋالغۇش پەيدا بولۇۋاتقان ئىدى.