نامايىش جۈمە كۈنىمۇ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، جۈمە كۈنىدىكى نامايىشتا 4 نامايىشچى ئۆلگەن ۋە 75 ئادەم يارىلانغان ئىدى.
خەۋەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ھىندىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى كەشمىردە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزدى. مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامايىشنىڭ ئارقىسىدا پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مۇستەقىلچى تەشكىلات "لەشكىرى تائىبە" تەشكىلاتىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. نامايىشچىلار بولسا نامايىشنىڭ ئۆزلىگىدىن تەشكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.