ۋەكىللەر يىغىندا ئوقۇپ ئۆتكەن دوكلاتىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. بۇ خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
خىتاي ۋەكىل ۋاڭ مىن تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ: ئاز ساندىكى بەزى دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇقنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىدىغان باھانە قىلىۋالماقتا، دەپ شىكايەت قىلغان.
خەلقئارادىكى ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۆز دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچى كۈچلەر، كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بېسىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان.
يېقىندىن بۇيان تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىمۇ خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، خىتايغا بولغان تەنقىدىي پىكىرلەر كۆپەيگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ تىبەت راھىبلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي ئامېرىكىنىڭ بۇ سۆزىنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق» دەپ تەنقىد قىلغان.
