كلىنتون خانىم قازاقىستاننى ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە ساھەسىدە قەدىمىنى چوڭ ئېلىشقا چاقىردى
2010.11.30
كلىنتون خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى قازاقسىتاندۇر؛ ئۇ بۈگۈن پايتەخت ئاستانىدا بىر گۇرۇپپا ئوقۇغۇچى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەرگە سۆز قىلىپ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ۋەدىسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ قازاقىستاندا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان ياۋروپا بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىش يىغىنى قازاقسىتاننىڭ ئىنسان ھەقلىرى مۇساپىسىدىكى قەدەملىرى دەپ كۆرسىتىش بىلەن بىللە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە جەھەتتە خېلى كۆپ بوشلۇقلىرى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە كۆپ ئىشلىرى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
قازاقىستاننىڭ ساھىپخانلىقىدا ئەتە رەسمىي باشلىنىپ ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان ياۋروپا بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئافغانىستان ۋەزىيىتى قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ. كلىنتون خانىم بۇ يىغىندىن كېيىن قىرغىزىستان ۋە ئۆزبەكىستاننى زىيارەت قىلىپ پرېزىدېنت روزا ئوتۇنبايېۋا ۋە ئىسلام كەرىموپلار بىلەن كۆرىشىدۇ.