ئاۋستىرالىيە خەلقئارا كىنو فېستىۋالىنىڭ باياناتچىسى لوئىسا خەسېلتىن، كىنو فېستىۋالىنىڭ تەشكىلى ھەيئىتى ھېچقاچان بېيجىڭنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكۈپ، "مۇھاببەتنىڭ 10 شەرتى"نى فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇشتىن چېكىندۈرۈپ چىقىش ياكى رابىيە خانىمنى مىھمان سۈپىتىدە كۈتۈۋېلىشتىن ۋاز كېچىشنى ئويلىشىپ باقمىغانلىقىنى جاكالىغان.
ئۇ فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن ": فېستىۋالدا بۇ فىلىمنى قويماسلىقنىڭ ھېچقانداق يولى يوق"، "ئۇ ئەلۋەتتە فېستىۋالغا قاتنىشىدۇ".
ئاۋستىرالىيە، كانبېررادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرمەسلىك، ئۇنىڭ كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىشىنى چەكلەش ھەققىدىكى بېسىمىغا تىز پۈكۈشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە خىتاي چوڭ قۇرۇرۇلۇقىدىن مىلبورىندىكى كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىدىغان خىتاي تىلىدىكى پۈتۈن كىنو - فىلىملەر فېستىۋالنى بايقۇت قىلغان.