مۇسۇلمانلارغا قارشى فىلىم ئىشلىگەن كالىفورنىيىلىك تۈرمىگە تاشلاندى

مۇسۇلمانلارغا قارشى فىلىم ئىشلەپ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان كالىفورنىيىلىك فىلىم ئىشلىگۈچى پەيشەنبە كۈنى تۈرمىگە تاشلاندى.


خەۋەرلەرگە قارىغاندا باسسېلېي ناكوۇلا ئىلگىرى بېرىلگەن كېپىللىككە قويۇپ بېرىش شەرتلىرىگە خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 27 - سېنتەبىر قولغا ئېلىندى.

باسسېلېي ناكوۇلا ئەسلىي مىسىرلىق خرىستىئان مۇرىتى بولۇپ، ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەن. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى مارك باسسېلېي يۈسۈف ئىكەن.

27 - چېسلا كالىفورنىيە مەركىزىي رايونلۇق سوتنىڭ سوتچىسى سۇزان سېگال باسسېلېينىڭ كېلەر قېتىم سوت ئېچىلغۇچە كېپىللىككە قويۇپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باسسېلېي مەلۇم بولۇشىچە، ناكوۇلا 2010 - يىلى بانكا ئالدامچىلىقى ۋە ساختىلىق قىلىپ كرېدىت كارتا ھېساباتى ئېچىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ 21 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە 5 يىللىق كۆزىتىش شەرىتى بىلەن كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن.

ئۇنىڭ بۇ نۆۋەت تۈرمىدە قانچىلىك ياتىدىغانلىقى، كېيىنكى سوتنىڭ قاچان ئېچىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.