تىبەتلەرنىڭ كىرتىي ئىبادەتخانىسىدىكى 300دىن ئارتۇق راھىب تۇتقۇن قىلىندى

ئالدىنقى ئايدا سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئابا تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىدا بىر نەپەر تىبەتلىك ياش راھىب ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغاندىن كېيىن، مەزكۇر جايدىكى مىللەتلەر ۋەزىيىتىدە جىددىيلىشىش يۈز بەرگەن ۋە 2500 راھىب كىرتىي ئىبادەتخانىسىدا نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنىپ تۇرماقتا ئىدى.

دارامسالادىكى كىرتى رىچپون ئىسىملىك بىر راھىبنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن رويترىس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە كىرتىي ئىبادەتخانىسىدىن 300دىن ئارتۇق راھىبنى تۇتۇپ كەتكەن. كىرتي رىچپوننىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ، 14-مارت لاسا ۋەقەسىدىن كېيىن رايوندا يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ئىكەن.

تۇتقۇن قىلىش تىبەتنىڭ ئاتالمىش تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەزگىلىگە توغرا كەلگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي، تىبەت راھىبلار ئارىسىدىكى ئاكتىپ ياشلارنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق ‏خاتىرىلەش مۇراسىملىرىدا ۋەقە چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەرىكەت قىلماقتا. ئەمما، راھىبلارغا قارشى ھەرىكەت ھەر ۋاقىت تىبەتلىكلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولغان. 30 نەچچە خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان 14-مارت لاسا ۋەقەسىمۇ، بىر تۈركۈم راھىبلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئائىلىسىگە بىلدۈرۈلمەسلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىدى.