كۇرت كەمپېل دىئالوگ ھەققىدە توختىلىپ، «سۆھبەتداشلىرىمىزغا بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەرنى بىۋاسىتە، سەمىمىي ۋە ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇش نىيىتىمىز بار» دېگەن.
ئۇ يەنە، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ دىئالوگدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئومۇمى يۈزلۈك ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماي، بەزى كونكرېت شەخسى دېلولارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جاۋاب ئېلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز خىتاي سۆھبەتداشلىرىمدىن ئىز دېرەكسىز غايىب بولۇش، قولغا ئېلىش ۋە شۇنداقلا قانۇنى رەسمىيەت جەھەتتىن توغرا بولمىغانلىقىنى ھېس قىلغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.»
لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، كېلەر دۈشەنبە باشلىنىدىغان دىئالوگنىڭ كۈنتەرتىپىنى شەخسى مەسىلىلەر ئىگىلىۋالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇي تيەنكەي، «مېنىڭچە ئامېرىكا شەخسى دېلولار غا ئېسىلىۋېلىش ئورنىغا، كۆپرەك جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى تەرەققىياتىغا دىققەت قىلسا توغرا بولىدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي يېقىندا بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئېلىپ بېرىپ، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى.
بۇنىڭ بىلەن ئوباما ھۆكۈمىتى دۈشەنبە باشلىنىدىغان ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە-ئىقتىساد دىئالوگىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەققىدىكى بېسىمغا ئۇچرىغان.