ئامېرىكىدىكى ۋېرج ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەھۋال ئىنكاس قىلغانلار ئىچىدە چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىمۇ بار ئىكەن. ئۇلار سكايپنىڭ شەخسى ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىكى ھەققىدىكى تۈزۈملىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلىشقا چاقىردى.
مەلۇم بولۇشىچە، سكايپنىڭ ئامېرىكىدا ئىشلىتىلىدىغان نۇسخىسى سكايپ ۋە توم-سكايپ ناملىق خىتايچە نۇسخىسى بولۇپ، خىتايچە نەشر نۇسخىسىدا ئادەتتە سەزگۈر سۆزلەر سۈزۈلىدىكەن ۋە قارشى تەرەپكە ئەۋەتىلمەيدىكەن. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر سكايپ بىلەن توم-سكايپنىڭ پەرقىنى بىلمىگەنلىكتىن، قىلىۋاتقان گەپلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇچۇر مۇلازىمېتىرلىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىكەن.
شۇڭا ئۇلار ئوچۇق خېتىدە كىشىلەرنى بۇ جەھەتتە سەزگۈر بولۇشقا ئاگاھلاندۇرغان. سكايىپ يۇمشاق دېتالى باشقۇرغۇچىلىرىنى بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشكە چاقىرغان.