ئىرېلاندىيە كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىرلەشمە ھۆكۈمەت باش مىنىستىرى تاۋسېچ ئېندا كېنىي ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىر تانەشتىلارنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئوخشاش پىكىردە بولۇشقا چاقىرغان.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار باش مىنىستىر ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىرغا خەت يېزىپ، شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى شۇنداقلا يەنە خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئۆلۈم جازاسى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، پائالىيەتچىلەرنىڭ ناھايىتى قەبىھ مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
شى جىنپىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 18-فېۋرال شەنبە كۈنى ئىرېلاندىيە پايتەختى دۇبلىنغا يېتىپ بارىدۇ.
ئىرېلاندىيە كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، باش مىنىستىر كېنىي ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىر تانەشتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ۋەدە بەرگەن. شى جىنپىڭ 14-فېۋرال ئامېرىكىدىن باشلانغان زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، تىبەت ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇلار ئوباما ھۆكۈمىتىنى شى جىنپىڭغا بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە تىبەت، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلغان.