ناۋى پىللاي باياناتىدا مۇنداق دېدى: تىنچ يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارنى زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇش، نامايىشچىلارنىڭ دەردىگە داۋا بولمايلا قالماستىن، بەلكى ئەھۋالنى يامانلاشتۇرۇپ، غەزەپ-نەپرەت زوراۋانلىق، قان تۆكۈش ۋە قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
ناۋى پىللاي سۈرىيىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلار ۋە نامايىشچىلارنى باستۇرۇش شەكلى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: مەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى تىنچ يوسۇندىكى نامايىشلارغا ئوق چىقىرىشنى دەرھال توختىتىشقا ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نامايىشچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىكى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىرىمەن.
ئۇ ئاخىردا سۈرىيە خەلقىڭنىمۇ باشقا خەلقلەرگە ئوخشاش نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقنى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
جۈمە كۈنى مىڭلىغان سۈرىيىلىكلەر پۈتۈن سۈرىيە بويىچە نامايىش قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەق- ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ، 20 دىن ئارتۇق نامايىشچىنى ئۆلتۈرگەن ئىدى. بۇ خەلقئارالىق نارازىلىق قوزغىدى.