خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى كازافىي قىسىملىرىنى خەلققە چاچما ئوق بومبىسى قوللاندى دەپ ئەيىبلىدى

باش ئورگىنى نيۇيوركتىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قاراشتىكى خەلققە قارىتا، خەلقئارادا ئاللىقاچان مەنئى قىلىنغان چاچما ئوق بومبىسى ئاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، لىۋىيىدە كازافىي قىسىملىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن دۆلەت پۇقرالىرىغا قارىتا، ئىسپانىيىدە ياسالغان چاچما ئوق بومبىسىنى قوللانغان. بۇ، يارىلانغان كىشىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان.

باش ئورگىنى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ سىنئالغۇ ئاپىراتچىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، كازافىي قىسىملىرى مىسراتا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا، بۇ شەھەردىكى ئاھالىلەر رايونىدا ئىككى دانە چاچما ئوق بومبىسى پارتلىغان.

يارىدارلار بىلەن تولۇپ كەتكەن بىر چوڭ دوختۇرخانىغا 300 مېتىر يېقىن جايدىمۇ، بۇنداق چاچما ئوق بومبىسىدىن يەنە بىرى پارتلىغان.