خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خوڭكوڭ پۇقرالىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ساياھەتكە بارماسلىققا چاقىردى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىرقانچە ئايدىن بۇيان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، خوڭكوڭ پۇقرالىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا جازالاش تەدبىرى قوللىنىشقا چاقىرغان.

خوڭكوڭدىكى خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭ بۆلۈمى، خوڭكوڭ بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەش بىلەن بىللە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى جازالاندۇرۇش ئۈچۈن خوڭكوڭ پۇقرالىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ساياھەتكە بارماسلىققا چاقىرغان.

خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۆز باياناتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى تۇتقۇن قىلىش ھەم باستۇرۇش ھەرىكىتىنى 1989-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بولغان باستۇرۇش ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلىگەن.