نەزەربەند ئاستىدىكى خىتاي ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچىڭ قېچىپ كەتتى

ئۇزۇندىن بۇيان ئائىلىسىگە نەزەربەند قىلىنغان خىتاي ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچىڭ نەزەربەند ئاستىدىن قېچىپ كەتكەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.04.27

ئۇنىڭ قانداق قاچقانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، بىراق دائىرىلەر خې پېيروڭ ئىسىملىك بىر پائالىيەتچىنى چېن گۇاڭنىڭ قېچىشىغا ياردەم قىلغان، دېگەن سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلغان.

ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىدىغان «جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى» ناملىق بىر خرىستىئان دىنىي تەشكىلات تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، چېن گۇاڭچىڭنىڭ ھازىر مۇتلەق بىخەتەر يەردە پاناھلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلى بىشوپ فۇ، ب ب س غا بەرگەن ئۇچۇرىدا چېن گۇاڭچىڭنىڭ بېيجىڭدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى چېن گۇاڭچىڭنىڭ تۈنۈگۈن ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا كىرىۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. بىراق بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقى ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئىسپاتلانمىغان. شۇڭا چېن گۇاڭچىڭنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ھازىر بىر سىر بولۇپ قالغان.

چەتئەلدە چىقىدىغان خىتاي ئۆكتىچى تور بەتلىرىدىن بوشۈن تور بېكىتى جۈمە كۈنى چېن گۇاڭچىڭنىڭ سىنئالغۇ سۆزىنى ئېلان قىلدى. سىنئالغۇدا چېن گۇاڭچىڭ «مەن ھازىر ئەركىن بولساممۇ، بىراق ئەندىشەم تۈگىمىدى» دېگەن. چېن گۇاڭچىڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ئۆچ ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.

دېگەندەك دائىرىلەر 26‏-ئاپرېل چېن گۇاڭچىڭنىڭ شەندۇڭ لىنجياڭ شەھىرى دۇڭشىگۇ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاكىسى چېن گۇاڭفۇ بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى چېن كېگۇينى كەنت كادىرلىرىنى يارىلاندۇرغان، دەپ ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلغان. مۇخبىرلار بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ ۋېيمىندىن چېن گۇاڭچىڭنىڭ قېچىپ كېتىش ۋەقەسىنى سورىغان بولسىمۇ، بىراق ليۇ ۋېيمىن بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.