كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى فىلىم كاين، ئامېرىكىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق بېسىمىنىڭ ھېچقانداق كۈچى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بىلەن باشقا مەسىلىلەرنى ئۆز-ئارا ئايرىپ قارايدىغان بۇ تىرىشچانلىقىنىڭ «كۈچى يوقلۇقى»نى، بۇنىڭ خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكىنىڭ نېگىزلىك مەنپەئىتى ئەمەس، دېگەن سىگنالنى بېرىۋاتقانلىقىنى، ۋەزىيەت ئامېرىكىنىڭ بۇ سىياسىتىنى قايتا ئويلىشىپ كۆرۈشكە قىستاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق شۆبە كومىتېتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا يەنە ئەسكەرتىپ، «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ يىلدا بىر قېتىم ساندۇقتىن بىر قانچە كۈنلۈك ئېلىپ چىقىپ، ئاندىن يەنە ساندۇققا سېلىپ قويۇلىدىغان» بىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
سۈرگۈندىكى خىتاي ئۆكتىچى زاتلىرىنىڭ بىرى ۋېي جىڭشىڭ، يىغىندا ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتنى دەپ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئاجىزلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «خەلقئارا جەمئىيەت بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىقتىسادى مەنپەئەتنى دەپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىدا ئاجىزلىق قىلماقتا» ئىكەن.
ئۇ، بۇ خىل ئاجىزلىقنىڭ «خىتاي جەمئىيىتى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئامېرىكىغا قارشى جاسارەتلەندۈرىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئامېرىكا بىلەن خىتاي يېقىندا ۋاشىنگتوندا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد دىئالوگى ئۆتكۈزۈپ، 48 تۈرلۈك ئىقتىسادى كېلىشىم ئىمزالىغان، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغان ئىدى.
