كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئەڭ ناچار دۆلەتلەر ئېلان قىلىنغان بۇ تىزىملىكتە خىتاي، بېرما، شىمالىي كورىيە، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، سومالى، لىۋىيە قاتارلىق 17 دۆلەت يەر ئالغان. دوكلاتتا بۇ دۆلەتلەر «ناچارنىڭمۇ ناچىرى» دەپ تەرىپلەنگەن.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دىرېكتورلىرىدىن پاۋلا شېرفېرنىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى بىر ئىنسان ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىدىنمۇ مەھرۇم بولۇپ، ئوخشىمايدىغان چۈشەنچە ۋە ھەرقانداق ھەرىكەت ئېغىر جازاغا تارتىلىدىغان بۇ دۆلەتلەردە ئۆكتىچى ھەرىكەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا قىلچىلىكمۇ يول قويۇلمايدىكەن.
پاۋلا شېرفېر خانىم سۆزىدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەركىنلىك ئەھۋالىدا ئىلگىرىكى يىللارغا نىسبەتەن ئازراقمۇ بىر ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى، بۇنىڭ كىشىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.