ب د ت نى قازاقىستاننىڭ خەلقئارا مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان دۆلەت تۇرۇپ، بىر ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتەك ئەھدىنامىگە خىلاپ قىلمىشىغا تەدبىر قوللىنىشنى ۋە شۇنداقلا ئەرشىدىننىڭ تەقدىرىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 30-ماي كۈنى باشلىنىپ، 17-ئىيۇنغا قەدەر داۋاملىشىدىغان 17-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، د ئۇ ق نىڭ خادىمى يانا براندىت خانىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ئەرشىدىن مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە باشلانغان بۇ قېتىمقى يىغىنى دەل قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ ئەرشىدىن ئىسرائىلنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى مۇقىملىشىپ قېلىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى.
جۈمە كۈنكى يىغىنىدا قازاقىستاننىڭ قىلمىشى تەنقىدلىنىپلا قالماي يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇۋاتقانلىقى تەنقىدلەنگەن. لېكىن يىغىندا خىتاي ۋەكىلى سۆز قىلىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ يۇقىرىقى تەنقىدلىرىنى رەت قىلدى.
خىتاي ۋەكىلى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدىنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، يىغىن رەئىسىدىن خىتاينى تەنقىد قىلىدىغان بۇ خىل ھادىسىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تەكرار يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ۋەكىلىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پىكىر ئەركىنلىكىدىن خەلقئارا قانۇن رامكىسى ئىچىدە بەھرىمەن بولۇش زۆرۈر. لېكىن بۇ دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىكى شەرت ئىكەن.