مەزكۇر تەشكىلات بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ۋە باشقا قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلمايلا قالماي، ئەكسىچە قانۇنى، مەمۇرى ۋە ئەمەلىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرگەن.
دوكلاتتا ئەسكەرتىپ، «ئەگەر ئادۋوكاتلار ۋە قانۇن خىزمەتچىلىرىنىڭ رەسمىي دائىرىلەر تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە قۇربى يەتمىسە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى بولمايدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئادۋوكاتلارنىڭ دۆلەتتىكى مۇستەقىل بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇڭ لېي شۇ كۈنى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «جۇڭگو قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت» ۋە «ئاتالمىش مەجبۇرىي غايىب بولۇش ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن.
دوكلاتتا يەنە، بۇ يىل 2-ئايدىن بۇيان 130دىن ئارتۇق پائالىيەتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتىنىڭ ئىز -دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدا 204 مىڭ ئادۋوكات بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردىن كىشىلىك ھوقۇق دېلوسى قوبۇل قىلىدىغان ئادۋوكاتلار پەقەت 300 ئەتراپىدا ئىكەن.