باياناتتا ئېيتىلىشىچە، يېقىنقى 10 ئاي ئىچىدىلا قىرغىزىستاندىكى ئېتنىك قىرغىنچىلىققا ئائىت جىنايى داۋالاردا ئۆزبېكلەرنىڭ داۋاسىنى ئۈستىگە ئالغان ئادۋوكاتلار بىر قانچە قېتىم نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. باياناتقا قارىغاندا، ئاۋغۇست تاتيانا تومىنا ئىسىملىك ئادۋوكات سوتتىن چىقىپ كېتىپ بارغىنىدا، ئۇ سوت خادىملىرى، زىيارەتچىلەر ۋە بىر قانچە ساقچىلارنىڭ ئالدىدىلا 4 ئايال كىشىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تاتيانا باشلىق بارلىق ئادۋوكاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە قىرغىز ھۆكۈمىتىنى دەرھال بۇ ھۇجۇمچىلارنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىشقا ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.
2010-يىلى 6-ئايدا قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزبېكلەردىن بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ۋە 400 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان ئىدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋەقەدىن كېيىن رايوندا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە، ۋەقەنىڭ بۇنداق زورىيىپ كېتىشىدە ھۆكۈمەتنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېيتقان. ئەمما، قىرغىز ھۆكۈمىتى بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.