كىرىس سىمىس خىتايدىكى دىنىي باستۇرۇش ھەم ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىغانلارغا ھەمدەم بولۇشنى تەكىتلىدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرىس سىمىس، يېقىندا ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدىكى دىنىي باستۇرۇش ھەم ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلارغا ھەمدەمدە بولۇشنى تەكىتلىدى.

خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ھەم ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا، تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن كىرىس سىمىس ئەپەندى، «بىز خىتايدىكى باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقان خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشىمىز كېرەك. بىز ئىلگىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بۇنداق كىشىلەرگە ياردەم قىلغان ئىدۇق. بۈگۈنكى كۈندە خىتايدىكى باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقان، ئەركىنلىككە تەشنا بولغان كىشىلەرگىمۇ ياردەم قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.

كىرىس ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا يۇمشاق سىياسەت قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ، «مېنىڭچە، ھۆكۈمىتىمىز خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەم دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا خاس ئەخلاقنى تاشلىۋەتتى. بىز ئەسلى خىتاي بىلەن بولغان بەزى ھەمكارلىقلاردا مەلۇم شەرتلەرنى قويۇش ئارقىلىق، خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، دىنىي ئېتىقادنى باستۇرۇش ھەم دىنىي مۇخلىسلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك ئىدى» دېگەن.

كىرىس سىمىس ئەپەندى 1981-يىلدىن بۇيان دۆلەت مەجلىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ئۇ كۆپ قېتىم خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ھەم دىنىي ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.