خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى كاچىنلىق مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كاچىنلىق مۇساپىرلارنى بىرمىغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. باياناتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا مۇساپىرلار قانۇنىغا خىلاپ ھالدا بىرما ۋە كاچىن ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدىكى توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايونلاردىن قېچىپ چىققان 4000 دىن ئوشۇق مۇساپىرنى بىرمىغا قايتۇرۇپ بەرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسى دىرېكتورى بىل فىرىلىك ئۆز باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا مۇساپىرلار قانۇنىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى كاچىنلىق مۇساپىرلارغا خەلقئارا قانۇنلار دائىرىسىدە مۇئامىلە قىلىشى، ئۇلارنى توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايونلارغا قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئىنسانىي ياردەمگە ئېرىشتۈرۈپ، ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسى خادىملىرىنىڭ ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دېدى.

كاچىنلار، بىرمىنىڭ شىمالىدىكى پەرقلىق بىر ئېتنىك تەركىب بولۇپ، بىرما ھۆكۈمىتى 1947-يىلى كاچىنلار بىلەن ئېلىپ بارغان مۇزاكىرە نەتىجىسىدە ئۇلارغا ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت سالاھىيىتى بەرگەن.

1990-يىللارغىچە كاچىنلار ئاپتونومىيىدىن ھەقىقىي تۈردە پايدىلانغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىرما ھۆكۈمىتى قاراشلىق قوراللىق قىسىملار بىلەن كاچىن مۇستەقىللىق ئارمىيىسى ئارىسىدا توقۇنۇشلار شىددەتلىك تۈس ئېلىشقا باشلىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، بىرما قوراللىق قىسىملىرى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىملىرىگە خىلاپ ھالدا 2011-يىلى 6-ئايدا كاچىن يېزىلىرىغا بېسىپ كىرىپ، ئوت قويۇش، تەھدىت قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە ھەتتا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشتەك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان كاچىنلار جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خىتايغا بارسىمۇ، ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىرمىغا قايتۇرۇلماقتا.