خۇڭ لېي باياناتىدا «جۇڭگودا پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنماقتا، ئامېرىكا بىر تەرەپلىمە قاراشنى تەشەببۇس قىلىپ، جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىدىغان بۇ خىل دوكلاتلارنى ئېلان قىلىشنى توختىتىشى كېرەك» دېگەن.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەردىن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خۇ شىڭدۇ ئەپەندى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىدىن ليۇ يۆفېي قاتارلىقلار مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا،خىتاي باياناتچىسى خۇڭ لېينىڭ باياناتىنى ئەيىبلىگەن. ئۇلار سۆزىدە خىتاينىڭ بۇ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئىلگىرىكىدىن كۆپ چېكىنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەسلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئەيىبلەش پوزىتسىيىسىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش پوزىتسىيىسىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلىشىپ باشقۇرۇشىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ بۇ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتايدا پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ، بۇ مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى داۋاملىق ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.