دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2007-يىلى ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغانلارنى ئازايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغانلارنىڭ ئىلگىرىكىدىن 50% ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشتا، يەنىلا دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
ھالبۇكى، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 2007-يىلدىن بۇيان خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتقانلارنىڭ سانى يەنىلا ئارتىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەردىن ھەر خىل سىياسىي جىنايەتلەر ئارتىلىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار، خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ مەلۇم قىسمىنى تەشكىل قىلغان. بولۇپمۇ 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى، 2008-يىلدىكى 11-مارت لخاسا ۋەقەسى قاتارلىق ۋەقەلەردە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ، نورمال سوت تەرتىپىگە خىلاپ ھالدا، مەھبۇسلارغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلمەيلا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى خەلقئارادا جىددىي ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.
بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتمۇ رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشقا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.