كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون باياناتىدا: “ خىتايغا قايتۇرۇلغان بۇ ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن تەن جازاسىغا ئۇچراش خەرىتىدە تۇرماقتا. خىتاينىڭ بۇ پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ھەققىدە بىر يىلىدىن كېيىنمۇ ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەسلىكى ئادەمنى ئەنسىرىتىدۇ” دېدى.
2009- يىلى 19-دېكابىر كامبودژا ھۆكۈمىتى، ئۆز دۆلىتىدە پاناھلانغان 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي كامبودژاغا 1 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
كامبودژانىڭ مەزكۇر قارارى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقنى قوزغىغان. ئامېرىكا بۇ سەۋەبتىن كامبودژا ۋەدە قىلغان ھەربىي ياردەمنى بىكار قىلغان ئىدى.
سوفىي رىچاردسون باياناتىدا خىتاي كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قىلمىشىنى ئەيىبلەپ: “ خىتاي ۋە كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇن ئالدىكى مەجبۇرىيىتىنى شەرمەندىلەرچە نەزەردىن ساق قىلىشى چوقۇم سوراققا تارتىلىش كېرەك” دېدى.
رىچاردسون خانىم يەنە: “ بۇ ۋەقە ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرسە بولمايدىغانلىرىنىڭ جانلىق سىگنالى” دېدى.